يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك جىنايەتلىرى جازا لاگېرلىرى سىياسىتى بىلەن قايتىدىن دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلمەكتە ۋە خىتايغا تەرەپ-تەرەپتىن قاتتىق ئەيىبلەشلەر ۋە ھەرخىل جازالار ئىجرا قىلىنماقتا. ئەمما خىتاي رېجىمى شۇنچىۋالا كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارغا پىسەنت قىلماستىن، يەنىلا ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.
لېكىن خىتاينىڭ جىنايەتلىرى، باستۇرۇش سىياسەتلىرى خىتايلارنىڭ ئۆز قولى بىلەن دۇنياغا تارالماقتا ۋە خىتاينىڭ دۇنيانى ئالداش ھىيلىسىنى بىتچىت قىلماقتا.
5-مارت خىتاي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان قىسقا سىن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا تارقالغاندىن كېيىن ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئانا تىلىدىن مەھرۇم ھالەتتە خىتايلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى خىتاي مۇئەللىم ۋە كىچىك ئۇيغۇر قىزنىڭ ئېغىزىدىن يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھېلىھەم دۇنيادا بازارغا سېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان: «ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرەلەيدۇ، تىل چەكلىمىسى يوق» دېگەن داۋراڭلىرىنى بىتچىت قىلدى.
مەزكۇر قىسقا دىيالوگدا سابىرە ئىسىملىك سەبىي ئۇيغۇر قىزىدىن خىتاي مۇئەللىمى: «سەن نېمىشقا ئاكاڭنىڭ ئىسمىنى بىلمەيسەن؟» دەپ سورىغان. ئۇيغۇر قىز: «چۈنكى ئاكام ماڭا ئۆزىنىڭ خىتايچە ئىسمىنى دېمىگەن، مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى بىلىمەن، خىتايچە ئىسمىنى بىلمەيمەن، ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بىر خىل غەلىتە» دەپ جاۋاب بەرگەن. خىتاي ئوقۇتقۇچى: «ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ قايتا سورىغاندا، ئۇيغۇر قىز: «خىتايچىسىنى مەنمۇ سۆزلىيەلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە بىر ئەر خىتاي ئوقۇتقۇچى: «ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە دېگىن» دېگەندە، ئۇيغۇر قىز: «ئۇنداقتا مېنى تىللىساڭلار قانداق قىلىمەن؟ مەن تاياق يەمدىم؟» دەپ جاۋاب بەرگەن. خىتاي ئوقۇتقۇچى بولسا: «قانداقسىگە ئۇنداق بولغۇدەك، مۇئەللىم سەندىن سوراۋاتقان تۇرسا، مۇئەللىم ھازىر تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ساڭا سۆزلەشكە رۇخسەت بېرىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا سېنى تىللىمايدۇ. چۈنكى يەسلىدە بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشى چەكلەنگەن، شۇنداقمۇ؟» دېگەندە، ئۇيغۇر قىز: «ھەئە، توغرا» دەپ جاۋاب بەرگەن. خىتاي ئوقۇتقۇچى ئارقىدىنلا: «ھازىر ئوقۇتقۇچى ساڭا رۇخسەت قىلغانىكەن، ساڭا باشقا گەپ قىلمايدۇ، ئەمدى دېگىن» دەپ قىزنى جاۋاب بېرىشكە ئۈندىگەن.
بۇ قىسقا دىئالوگ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ قايسى تەرىقىدە تەربىيلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاتا-ئانىسىدىن تارتىۋېلىنغان ياكى ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىدا بولغانلىقى سەۋەبلىك بالىلار لاگېرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر بالىلاردىن سىرت، خىتايلار يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان باشلانغۇچتىن تارتىپ ياتاقلىق ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپلەردىمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيەلىنىپلا قالماستىن، خىتاي مەدەنىيىتى، كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلماقتا.