قارادۇمان: يەنە قانچىلىك سۈكۈت قىلىسىلەر؟

سائادەت پارتىيىسى ياشلار شۆبىسى رەئىسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ كونيا مىللەت ۋەكىلى ئابدۇلقادىر قارادۇمان 5 – مارت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلغان ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئۇ سۆزىنى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى ئەسلىتىشنى ئۆزەمنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارايمەن دەپ باشلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، ھۆكۈمەتكە ئەسلىتىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرى، خىتاي، جازا لاگېرلىرى دېگەنلەر تىلغا ئېلىنغاندا سىلەرگە بىر نەرسىنى ئەسلەتسە كېرەك. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، خىتاي ئىنسان ئەقلىگىمۇ كەلمەيدىغان دەرىجىدىكى زۇلۇملارنى ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى دۇنياغا تەربىيلەش مەركىزى دەپ تونۇتماقتا ۋە بۇ جازا لاگېرلىرىدا ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنى ئەسىر تۇتماقتا.
قەتلىئاملار، سوتسىز جازالار، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا ساناقسىز جىنايەتلەر يىللاردىن بۇيان سېستىمىلىق ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خىتايلاشتۇرۇلماقتا. مەجبۇرى ئەمگەك ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، خىتايلار يەرلەشتۈرۈلمەكتە.
مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش، ياش قىزلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە تۇتقۇن قىلىنىشى، لاگېردىكى قىز ئاياللار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر قاتارلىق جىنايەتلەر تىنىمىسز داۋام قىلماقتا.
بۇلارنى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈۋاتىدۇ ۋە تېخى ئۆتكەندىلا 39 دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىمزاسى بىلەن بۇ جىنايەتلەر ئەيىبلەنگەن بىر پەيتتە، تۈركىيەنى بۇ زۇلۇملار ئالدىدا سۈكۈتكە مەھكۇم قىلغان بۇ چۈشەنچىنى رەت قىلىمىز.
بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدا مەزلۇمنى قوغداش بار، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدا يوقتۇر. زۇلۇمغا رازى بولۇش، شەكسىز زۇلۇمدۇر.
گاندى دەيدۇكى: "ئالتۇن كىشەنلەر تۆمۈر كىشەنلەردىن تېخىمۇ ياماندۇر" يەنى سىلەرنىڭ پۇتۇڭلارغا قانداق كىشەن سېلىندىكى، سىلەرنى بۇ دەرىجىدە سۈكۈت ۋە ھەرىكەتسىزلىك ئىچىدە قويدى؟
بۇ زۇلۇم ئالدىدا يەنە قانچىلىك سۈكۈت قىلىسىلەر؟
ھەر قانداق مەنپەئەت شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشقا سەۋەب بولالمايدۇ.
بۈگۈن سۈكۈت قىلساڭلارمۇ، تۈركىيە يەنىلا مەزلۇملارغا ئۈمىد، زالمىلارغا قورقۇنچ بولۇشقا داۋام قىلىدۇ. بىز ھېچقاچان بۇ زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلمايمىز. ھەر ساھەدە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز. تەكرارلايمەن، خىتايدىن ئەمەس، ئاللاھتىن قورقۇڭلار! دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 961 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2021 18:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق