چېگراسىز مۇخبىرلار: خىتاي ۋىرۇس مەزگىلىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى FCCC)) 1-مارت دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارىغا قاراتقان پاراكەندىچىلىكنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىللىق دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى ۋىرۇس مەزگىلىدە چەتئەللىك ژۇرنالىستلارغا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى تەكىتلەنگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن. 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كەم دېگەندە 18 چەتئەللىك مۇخبىر خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
شەرقىي ئاسىيا چېگراسىز مۇخبىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سېدرىك ئالۋىنى(Cedric Alviani)يازما بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ باياناتىدا: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئورگانلىرى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنى قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر دەپ قاراپ، ئامالنىڭ بارىچە مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا زىت ئۇچۇرلارنى توپلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى» دېگەن.
يازما باياناتتا يەنە، ۋىرۇس مەزگىلدە دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىپ، مۇخبىرلارنىڭ ئادىل، توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا قىستىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
چەتئەللىك ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار دوكلاتى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 150 ئەزاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىقىرىلغان بولۇپ، %60 مۇخبىر خىتاي تەرىپىدىن پاراكەندە قىلىنغان، %59 مۇخبىرنى خىتاي خىزمەتچىلىرى قورقۇتقان ھەمدە تەھدىت سالغان، %40 مۇخبىر نازارەتكە ئېلىنغان. %40 مۇخبىرنىڭ خەۋەر مەنبەلىرى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇل رايونىنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلار ئىچىدە كەم دېگەندە %90 مۇخبىرنىڭ باشقىلارنى زىيارەت قىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان.
چېگراسىز مۇخبىرلارنىڭ 2020-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى دوكلاتىدا، خىتاي 180 دۆلەت ئىچىدە 177-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلغۇچى قاتارىدا ئورۇن ئالغان. شۇنداقلا ئۆتكەن يىل كەم دېگەندە 121 مۇخبىر قولغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان.

بۇ خەۋەر 831 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2021 18:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق