ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كۈچىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈشكە قوشۇلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز-ئارا تاموژنا بېجى ماجىراسىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ كۈچىنى خىتايغا قارىتىشقا قوشۇلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا 5-مارت ئايروپىلان تولۇقلىما زاپچاسلىرىغا قويۇلغان باج كەلتۈرۈپ چىقارغان نەچچە مىليارد دوللارلىق ئىمپورت تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تۆت ئاي كېچىكتۈرگەن ھەمدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى 16 يىلغا سوزۇلغان تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. ھەر ئىككى تەرەپ ھەر قانداق ھەل قىلىش چارىسىنىڭ چوقۇم خىتايغا مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن:
«تۆت ئايلىق ۋاقتىنچە توختىتىش ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلغان 7 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق بارلىق تاموژنا بېجى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان 4 مىليارد دوللارلىق بارلىق تاموژنا بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»
باياناتتا يەنە، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى كەلگۈسىدىكى كەسىپنى قوللاشتىكى چەكلىمىلەرنى، شۇنداقلا خىتايغا ئوخشاش يېڭى بازار ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە قانۇنسىز كىرگەن دۆلەتلەر ئېلىپ كەلگەن سودىنى بۇرمىلاش قىلمىشى ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جۈمە كۈنى پرېزىدېنت بايدىن بىلەن ياۋروپا كومىتىتېنىڭ رەئىسى ۋون دېر لېين ئوتتۇرىسىدىكى تېلىفۇن سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر ئۇلارنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى باج قويۇش ئىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا قوشۇلغان. بايدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا-ياۋروپا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىنى تەكىتلىگەن. ئىككى رەھبەر يەنە خىتاي، رۇسىيە ، بېلارۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە غەربىي بالقان رايونى قاتارلىق مەسىلىلەردە ماسلىشىشقا قوشۇلغان.
ۋون دېر لېين بۇ ھەقتە: «بۇ كېلىشىم ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سودا-سانائەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم خەۋەر، شۇنداقلا كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن ئىنتايىن ئاكتىپ سىگنال» دېگەن.

بۇ خەۋەر 892 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2021 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق