بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلار جازا لاگېرىغا قامىلىدۇ

شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ باشلانغۇچى بولغان خىتاي بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بۇ زۇلۇم ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتۈنلەي كوممۇنىستلىشىشقا مەجبۇرلىماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىن ۋە رەسىملەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق خەلقنىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەندە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغانلىق كۆرۈنىشى، يەنە بىر سىندا خوتەن شەھىرىدىن نەنچاڭ شەھىرىگە ئوقۇشقا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشلىق كۆرۈنۈشى ۋە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قاتنىشىپ قاتناشمىغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان كېنىشكە دەپتەرلىرى كۆرسىتىلگەن. ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىق كۆرۈنۈشى بار سىننىڭ ئېنىقلىما قىسمىغا «خوتەندىن كەلگەن بالىلار ھەر دۈشەنبە كۈنى قار-بوراندىمۇ بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىدۇ» دەپ يېزىلغان.
بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سىنلار كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغان كىشىلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

 

 

بۇ خەۋەر 1339 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2021 20:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق