شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىرتتىن كىرگەن كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشى چەكلەنگەن

يېقىنقى يىللاردا تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى ئەڭ ئېغىر ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە بۇ زۇلۇمنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خەلقنى ھەر تۈرلۈك تەھتىدلەر بىلەن ئېغىز ئاچالماس قىلىۋەتتى.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىن زالىم خىتاينىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خەلقنى قانچىلىك قورقۇتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆي ئىگىسى ئەرنىڭ يەنە بىر خىتاي ئەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقى، بۇنى كۆرگەن ئۆي ئىگىسى ئايالنىڭ ئۆيدىن چىقىپ «گەپ سورىسا جاۋاپ بەرمەڭ، ھويلىغا ئەكىرمەڭ رەسىم تارتىۋالىدۇ» دەپ يولدىشىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئىزچىل دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنىمۇ رەت قىلغان ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا شاھىت بولغان گۇۋاھچىلارنىڭ شاھىتلىقى ۋە ھەركۈنى دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرغان يۇقىرىقىدەك سىنلار شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1065 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2021 19:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق