خىتاينىڭ يالغانچىلىقى داۋاملاشماقتا

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سورىغان سوئالىغا ئادىتى بويىچە قېلىپلاشقان يالغان سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سەۋەبسىز لاگېرلارغا سولاش، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۈرمە ۋە لاگېرلاردا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق دۆلەت تېررورلۇقى سىياسەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىجرائاتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، كانادا پارلامېنتىمۇ خىتاينىڭ ئىجرائاتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى. ئارقىدىن گوللاندىيە پارلامېنتىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئارادا ئاشكارا بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاي ئادىتى بويىچە تۈرلۈك يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا .

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىندىن «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟» دەپ سورىغان.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرنىڭ سوئالىغا ھەر دائىمقىدەكلا قېلىپلاشقان يالغان سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىپ، «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) جەمئىيىتى ھازىر بىخەتەر ۋە مۇقىم، خەلق تىنچ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ ۋە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ياشاش ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى قوغدىلىۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە يەنە، «سىز تىلغا ئالغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ماھىيەتتە شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىنىڭ ئىشى. بىز ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى غايەت زور تىرىشچانلىقىغا سەل قارىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ جۆيلىدى.

بۇ خەۋەر 865 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2021 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق