تۈركىيەدە يۇقۇم مەزگىلىدىكى چەكلىمىلەر ھەققىدە يېڭى قارار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 1-مارت ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا يۇقۇمغا ئالاقىدار چەكلىمىلەرنى تەدرىجىي نورماللاشتۇرۇش ھەققىدە يېڭى قارار ئېلان قىلدى.
يېڭى قاراردا تۈركىيەدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەن (كۆك)، ئوتتۇرھال (سېرىق)، ئېغىر (قىزغۇچ سېرىق رەڭ) ۋە ئىنتايىن ئېغىر (قىزىل) دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلدى.
تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا خەتەرلىك رايونلاردا ھەپتە ئاخىرىدىكى چەكلىمىلەر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئەمما خەتەر ئېغىر ۋە ئىنتايىن ئېغىر رايونلاردا يەكشەنبە كۈنى سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ.
كەچ سائەت 21:00 دىن ئەتىگەن سائەت 05:00 گىچە يولغا قويۇلغان سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى بارلىق جايلاردا داۋاملىشىدۇ.
مەكتەپلەر
قارارغا ئاساسەن پۈتۈن تۈركىيە بويىچە يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، 8-سىنىپلار ۋە 12-سىنىپلار مەكتەپتە دەرس ئوقۇيدۇ. تۆۋەن ۋە ئوتتۇرھال خەتەرلىك رايونلاردا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ مەكتەپكە بارىدۇ.
مەكتەپكە بېرىشقا رۇخسەت بېرىلمىگەن رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار دەرسلىرىنى توردىن ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
مەكتەپكە بېرىشكە رۇخسەت بېرىلگەن رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش-بارماسلىقىنى ئاتا-ئانىسى قارار قىلىدۇ.
ئاشخانا، قەھۋەخانىلار
رېستوران، ئاشخانا، قەھۋەخانا، چايخانىغا ئوخشاش جايلار خەتەر ئىنتايىن ئېغىر رايونلاردىن باشقا ھەممە يەردە سائەت 07:00 دىن سائەت 19:00گىچە ئېچىلىدۇ.
21 ياشتىن تۆۋەن، 65 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى
تۆۋەن ۋە ئوتتۇرھال خەتەرلىك رايونلاردا 65 ياشتىن يۇقىرى ۋە 21 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ۋاقىت چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ. ئېغىر ۋە ئىنتايىن ئېغىر خەتەرلىك رايونلاردا ۋاقىت چەكلىمىسى كۆپەيتىلىدۇ.
ئاممىۋى خىزمەت ۋاقتى چەكلىمىسى
ئاممىۋى خىزمەت ۋاقتى پۈتۈن تۈركىيەدە نورمال خىزمەت ۋاقتىغا قايتۇرۇلىدۇ. ۋالىيلىق ئېھتىياجلىق بولغاندا ئوخشىمىغان تەرىقىدە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
نىكاھ، توي ۋە نەزىر-چىراغلار
نىكاھ ۋە توي مۇراسىملىرى تۆۋەن ۋە ئوتتۇرھال خەتەرلىك رايونلاردا 100 ئادەم، ئېغىر ۋە ئىنتايىن ئېغىر خەتەرلىك رايونلاردا 50 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ۋە بىر سائەتتىن ئارتۇق بولماسلىق شەرتى بىلەن ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.
يىغىنلار، پائالىيەتلەر
ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سودا جەمئىيەتلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ ئومۇمىي يىغىنلىرى 300 ئادەم چەكلىمىسى بىلەن تۆۋەن، ئوتتۇرھال ۋە ئېغىر خەتەرلىك رايونلاردا ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.
تۆۋەن خەتەرلىك رايونلار (كۆك)
ئۇشاك، شانلىئۇرفا، ماردىن، شىرناك، خاككارى، سىيىرت، باتمان، دىيارباكىر، بىتلىس، ۋان، بىنگۆل، مۇش، ئارى، ئىدىر...
ئوتتۇرھال خەتەرلىك رايونلار (سېرىق)
بۇرسا، مانىسا، ئايدىن، دېنىزلى، ئىسپارتا، ئافيونكاراھىسار، ئەسكىشەھىر، ئەنقەرە، چانكىرى، قارابۈك، بارتىن، كاستامونۇ، چورۇم، يوزگات، كىرشېھىر، نېۋشېھىر، ئادانا، خاتاي، گازىئانتېپ، قەھرىمانماراش، مالاتيا، سىۋاس، تۇنجەلى، ئەرزىنجان، بايبۇرت، ئەرزۇرۇم، كارىس.
ئېغىر خەتەرلىك رايونلار (قىزغۇچ سېرىق)
ئىستانبۇل، كېرېكلارەلى، تېكىرداغ، چاناققەلئە، ئىزمىر، مۇلا، ئانتاليا، بىلېچىك، كۇتاھيا، دۈزجە، بولۇ، زوڭۇلداق، قىرىققالە، كارامان، مەرسىن، نىدە، قەيسەرى، كېلىس، ئارتۋىن، ئارداخان، يالوۋا،كوجائەلى
ئىنتايىن ئېغىر خەتەرلىك رايونلار (قىزىل)
ئەدىرنە، بالىكسىر، بۇردۇر، ساكاريا، سىنوپ، سامسۇن، ئاماسيا، توكات، ئوردۇ، گىرەسۇن، گۈمۈشخانە، ترابزون، رىزە، كونيا، ئاقساراي، ئوسمانىيە، ئادىيامان.

بۇ خەۋەر 1369 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2021 18:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق