«مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى يامغۇرغا قارىماي داۋاملاشماقتا

تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مىللەت نۆۋىتى نامايىشىغا بۈگۈن (2-مارت) يەنە 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. ئىستانبۇلدا يېغىۋاتقان يامغۇرغا ۋە سوغۇققا قارىماي قوللىرىدا ئاتا- ئانىلىرىنىڭ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «خىتاي، لاگېرلارنى تاقا!»، « ئاتا-ئانىمىز قەيەردە؟»، «فاشىست خىتاي، تېررورچى خىتاي، قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
مۇخبىرلىرىمىز نامايىش مەيدانىغا بېرىپ، نامايىش جەريانىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى ھەمدە نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلدى.
ئىستانبۇلدىكى خىتاينىڭ باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان نارازىلىق نامايىشى بۈگۈن 75-كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات ۋە پارتىيەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاۋاز چىقىرىش ھەققىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتتى.
نۆۋەتتە «مىللەت نۆۋىتى»نامايىشى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ، گېرمانىيە، ياپونىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا داۋاملاشماقتا.
يىل بېشىدا خىتاي كونسۇلخانىسى خادىملىرى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ئارقىلىق نامايىشچىلارنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەييارلاپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما 5000 پارچىدىن ئارتۇق ماتېرىيال ئېلىپ كېلىنگەندە، كونسۇلخانا خادىملىرى گېپىدىن يېنىۋېلىپ، ماتېرىيالنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 879 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2021 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق