ئىيى پارتىيە جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى


28-فېۋرال ئىيى پارتىيە مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشكە بېرىش ئىستىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەدىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۇلار كۆرۈشۈشتە ئۆزلىرىنىڭ بىر ھەيئەت تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، خىتاينىڭ تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش، لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 6693 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2019 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق