جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشتى

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزغا ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەن. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىمۇ جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىشكە تەييارلانغان. خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 1-مارت بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى «قوغداش» نىيىتىدىن يانمايدىغانلىقىنى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان.
ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى جەنۇبىي دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشكە باشلىغان. فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پالى 2-ئاينىڭ بېشىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، شۇ ئاي ئىچىدە جەنۇبىي دېڭىزغا ھۇجۇمچى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە مۇداپىئە ئەمەلدارىمۇ 1-ئايدا ئەنگلىيە «ئايال پادىشاھ ئېلزابېت» ناملىق ئاۋىياماتكىغا زەربە بېرىش قوشۇنىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىمۇ خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا مەۋجۇت ئىكەن.
يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە زومىگەرلىك قىلىش قىلمىشلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 9-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «جەنۇبىي دېڭىزدا يۈرۈش ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكىدە مەسىلە يوق. قىسمەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزۇۋاتىدۇ» دەپ زومىگەرلىكىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

بۇ خەۋەر 860 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2021 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق