«مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى ئىزچىل داۋاملاشماقتا

تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مىللەت نۆۋىتى نامايىشىغا بۈگۈن يەنە 300 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى، خىتايغا قارشى يېزىلغان پلاكاتلارنى تۇتۇپ تۇرغان نامايىشچىلار «خىتاي لاگېرلارنى تاقا!»، « ئاتا- ئانىمىز قەيەردە؟»، «فاشىست خىتاي، تېررورچى خىتاي، قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.
نامايىشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتى رەئىسى ئەلى ئەكبەر داموللام، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول قاتارلىقلار سۆز قىلدى ۋە بۇ كۈرەشتە ئىزچىل بولۇشقا، خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

بۈگۈن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىمىزمۇ ئەتتىگەندىلا مەيداندا ھازىر بولغان بولۇپ، نامايىش جەريانىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى ھەمدە نامايىشچى خەلقنى زىيارەت قىلدى.
نامايىشقا يەنە خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن Euro news خەۋەر قانىلىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلدى.

تۈركىيەدە باشلانغان «مىللەت نۆۋىتى» گىرمانىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، بىلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ داۋاملاشماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن گوللاندىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان نامايىش قىلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى ئۆزىنىڭ نامايىشىنى گوللاندىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلىغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى نامايىشىنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى بايراق خادىسىنىڭ يېنىغا يەنە بىر خادا تىكىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى خادىملىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىستىقلال مارشىمىزنى ياڭرىتىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقاردى. گۈزەل شەرقىي تۈركىستان بايرىقىمىزنىڭ خىتاينىڭ كۆرۈمسىز بايرىقىدىن يۈكسەك ئورۇندا لەپىلدىشى خىتايلارنى ئالاقىزادە قىلدى.


ئابدۇرېھىم ئەپەندىمدىن ئىگەللىشىمىزچە، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ نارازىلىقى ئۇنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بايرىقىمىزنى كۆزىگە تىقىپ تۇرۇپ نامايىش قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭدىن پەقەتلا ئەتراپتىكى باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازىنى بىر ئاز پەس قىلىشىنىلا تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 1188 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 20:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق