تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 66 كىشى قازا قىلدى

28-فېۋرال كەچ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن بىر كۈن ئىچىدە 8 مىڭ 424 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان 109مىڭ 639 كىشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 8 مىڭ 424 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 66 كىشى قازا قىلغانلىقىنى، خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بۇيان جەمئىي 28 مىڭ 569 كىشى ۋىرۇس سەۋەبلىك قازا قىلغانلىقىنى، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنىچىسىنىڭ ياشانغان ۋە تېنى ئاجىزلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش، ماسكا تاقاش ۋە تازىلىققا رىئايە قىلىش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشنى تەكىتلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇندىن بۇيان رېستوران، قەھۋەخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئېچىلىپ – ئېچىلمايدىغانلىقى، ئېچىلسا قايسى تەدبىرلەر ئاساسىدا ئېچىلىدىغانلىقى، بۈگۈن 1 – مارت جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلىدىغان ئىچكى كابىنت يىغىنىدىن كېيىن رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن خەلققە ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 782 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 20:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق