ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ داۋاملاشماقتا

ئىشغالچى خىتاي رېجىمى يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ھىلال ئاي بەلگىسىنى، قۇببىلەرنى ۋە تاملاردىكى دىنىي مەزمۇنلارنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مەسچىتلىرىدىمۇ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا خىتاي ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر تۇڭگان مەسچىتىنىڭ پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىشى ئۈچۈن ئاۋۋال قۇببىسىنىڭ ۋە تېمىنىڭ چېقىپ بۇزىۋىتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سىنلار تارقالغان بولۇپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر بۇزۇپ چېقىۋېتىلگەن ياكى پۈتۈنلەي خىتاي بىناكارلىق تۈسىگە ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. ھەتتا خىتاي دائىرىلىرى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مەسچىت ئىماملىرىنى مەسچىتنى بۇزۇپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغانلىقى ۋە قوشۇلمىسا ئۇلارنى قولغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 19:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق