شەرقىي تۈركىستانلىق ياشانغانلار ئېغىر كۈنگە قالماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندا يېشى 50 ياشتىن ئاشقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى چوڭ زالنىڭ سەھنىسىدە خىتاي ئۇسسۇلى ئويناۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشىنىپ قالغانلاردىن تەركىپ تاپقان بىر تۈركۈم ئەر- ئاياللارنىڭ سوغۇقنى سوغۇق دېمەي ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تاجاۋۇزچى خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنى بالىلار لاگېرلىرىغا يىغىۋالغان بولسا، باققۇچىسىز قالغان ياشانغانلارنى ئاتالمىش «بەخت ساناتورىيەلىرى» ئىسمى بېرىلگەن ياشانغانلار لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا بۇلارنىڭ سىرتىدا قالغانلارنى بىر تەرەپتىن قېرى-ياش دېمەستىن، ئەرزان مائاش بىلەن قۇل ئورنىدا ئىشلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي تىلى ئۆگىتىش، خىتاي ئۇسسۇللىرىنى ئۆگىتىش، كوممۇنىست پارتىيەسىنى مەدھىيىلەپ قىزىل ناخشا ئېيتقۇزۇش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 881 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 19:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق