مەرال ئاكشەنەر: «ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك»

ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر خانىم قىزىلجى ھامام رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سىياسى ئالاقە» تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بەلگىلەيدىغان قانۇننى تەستىقلىغانلىقىنى بايان قىلغان ئاكشەنەر خانىم مۇنداق دېدى: «پارتىيىمىزنىڭ مەجلىستىكى مۇئاۋىن رەئىس دوستلىرىمغا قىلغان تەلىپىمدۇر. پارلامېنت باشلىقىدىن رۇخسەت ئېلىپ مەجلىستىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىڭلار» دېدى.

بۇ خەۋەر 1017 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 19:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق