ئاۋسترالىيەدە ياشانغانلارغا دالا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

28-فېۋرال ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 60 ياشتىن يۇقىرى چوڭلىرىمىز ئۈچۈن دالا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بىر قانچە ئاي سىرتلارغا چىقالماي ئۆيگە قاپسىلىپ قېلىش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايىتى ھەققىدە كېلىۋاتقان خەۋەرلەر سەۋەبلىك پەيدا بولغان بېسىملارنى يەڭگىللىتىش ، چوڭلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش، كۆڭلىنى خۇشال قىلىش مەقسىتىدە ئادېلايد شەھىرىدە ياشاۋاتقان 60 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا دالا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
پائالىيەت ساياھەت ئورۇنلىرىنى سەيلە قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا خاس تائاملارنى پىشۇرۇپ يېيىش، چوڭلارغا مەخسۇس سورۇن ھازىرلاپ ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش شەكلى بىلەن داۋام قىلدى.

بۇ خەۋەر 714 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 19:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق