يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار جازالاندى

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 26-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق غەربىي تەڭرىتاغ ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرىتارى، سابىق ئىدارە باشلىقى مەمتىمىن ئابدۇللا قارشىلىق كۆرسىتىش تۆھمىتى بىلەن ئىشتىن ھەيدەلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندا، مەمتىمىن ئابدۇللانىڭ دېلوسى ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا «پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە ئەزەلدىن پارتىيەگە كىرمىگەن، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلىشىپ، ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، شەخسنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان» دېگەندەك جىنايەتلەر بېكىتىلگەن.
خەۋەردە، دەسلەپكى قەدەمدە مەمتىمىن ئابدۇللاغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىپ، خىتاي تەپتىش ئورگانلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق مەمتىمىن ئابدۇللاغا ئارتقان «ھۇجۇم -مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرۇش» قىلمىشىنىڭ قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.
خىتاي يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولغاچقا، ئىلگىرى خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىمۇ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازالاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 19:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق