خىتاي بارلىق يوللار بىلەن جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركسىتاندىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكى، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىن قىلىش، دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
28-فېۋرال ئاتالمىش «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش، خەلقئارادا ئۆزىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنىي ئىنىستىتوتى» ھەققىدە يالغان تەشۋىق قىلىپ، «ئىنستىتۇتقا تەۋە سەككىز شۆبە بار، ھەر يىلى مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى مەزكۇر شۆبە مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىپ، ئىمام، خاتىپ خىزمىتىگە ئېرىشىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

خەۋەردە يەنە، ناماز ئوقۇۋاتقان جامائەتنىڭ سىنلىرىنى تارقاتقان بولۇپ، ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەت ياساپ چىقىلغان سىندىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىپ بارلىق دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان، تەربىيەلەنگەنلەرنى لاگېرغا سولىغان، ھەتتا ئۆيىدىن قۇرئان كەرىم ۋە باشقا دىنغا ئالاقىدار كىتاب چىقىپ قالغان كىشىلەرنى ئېغىر جازالىغان. قۇرئان ئوقۇشنى بىلىدىغان ئاممىنىمۇ لاگېرغا سولىغان. ھالال ۋە ھارامنى پەرقلەندۈرۈپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئەسەبي، تېررورچى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن جازالىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى خەلقئارادا ئاشكارا بولۇپ، ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئارقىدىن كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، قاتتىق جىددىيلەشكەن خىتاي ھەرخىل يالغان مەيدانلارنى ياساپ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا.

 

 

بۇ خەۋەر 827 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق