خىتاي ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى 26-فېۋرال خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باركلېي خىتاينى ئەيىبلەپ، خوڭكوڭدا 600 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا ئەدلىيە بويىچە تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى چوقۇم تولۇق ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.
يېقىنقى مەزگىللەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باركلېي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بىراق ياۋروپا تەرەپنىڭ بۇنى ئارقىغا تارتىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن جازالانغانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئوخشاش «نامۇۋاپىق تەلەپلەر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغان.
ۋاڭ ۋېنبىن باياناتىدا يەنە بۇرۇنقىدەكلا: «زىيارەت قىلغۇچىلارغا شىنجاڭنىڭ ئىشكى ئوچۇق، ئەمما زىيارەت جىنايەت بېكىتىش خاراكتېرىنى ئالماسلىقى كېرەك» دېگەن.
خەۋەردە خىتاي باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 908 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2021 21:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق