كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: ھەرقايسى دۆلەتلەر ب د ت مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى ئاسىيا پىلانى مەخسۇس خادىمى رافېل ۋىيانا داۋىد گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايغا كۆپ قېتىم بېسىم ئىشلىتىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ ھەپتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ: «خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ شىنجاڭغا قىلىدىغان زىيارىتىنى قارشى ئالىدۇ» دېگەن.
داۋىد بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ زىيارەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات مۇتەخەسسىسلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن مۇھىم قەدەم باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خىتاي تەكشۈرگۈچىلەرگە ئىشىكى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر قانداق زىيارەت چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى باھالاش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىۋى دىپلوماتىيەگە ئەھمىيەت بېرىشى، يىراقتىن نازارەت قىلىشى ۋە بۇ ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك. بولمىسا، خىتاي زىيارەتنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىش خەۋپى بار، ئۇنداق بولۇپ قالسا خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.
داۋىد يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامنامىسىنى كوزىر قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئاقلىماقچى بولغانلىقىنى، ھەر قانداق سىياسەتنىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ قانۇنلىرى ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ كۆپ ۋەھىمە، نەپرەت ۋە مۇناسىۋەتنىڭ يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 863 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2021 20:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق