فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نايك شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

دۇنياغا داڭلىق ماركىلاردىن بىرى بولغان نايك شىركىتى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ تەنقىدكە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك نايك شىركىتىنى ئەرز قىلغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 24-فېۋرال نايىك شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، شىركەتنى سودا ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن قانۇنسىز پايدىلاندى، دەپ ئەيىبلىگەن. نايك شىركىتى ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان. فىرانسىيە گېزىتى بۇ ھەقتە: «ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئادالەت قورالىنى تاللىدى» تېمىسىدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلغان.
فىرانسىيەلىك ئادۋوكات باتىخ نايك شىركىتىنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ كارخانا ئەخلاقى ۋە ئەخلاق ۋەدىسىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قېتىم ئىستېمالچىلار مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالسا، نايك شىركىتىگە ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نايك شىركىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى، شىركەتنىڭ خىتايدىكى بارلىق تەمىنلىگۈچىلىرىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرگەنلىكىنى، ئەمما مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلات بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نايككا ئوخشاش ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ فىرانسىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى كېيىنكى قەدەمدە كۆزىتىلىدىغان مەسىلە ئىكەن. ئەمما ئادۋوكات باتىخنىڭ قارىشىچە، قانۇنسىز مەھسۇلات فىرانسىيەدە پەيدا بولغان ھامان، فىرانسىيە ئەدلىيە تارماقلىرى بۇ قانۇنسىز قىلمىشنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەن.
2020-يىلى بىر تۈركۈم ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي پاختا تېرىش ئەمگىكىگە سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ، نۇرغۇنلىغان چوڭ شىركەتلەر ھۆددىگەرلەر ئارقىلىق بۇ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان، دەپ ئەيىبلەنگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش دۇنيادىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى كۆتۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نايك شىركىتى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى بۇ مەسىلىنى ئەدلىيە سەۋىيەسىگە كۆتۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1133 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2021 19:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق