كېلەچەك پارتىيەسى كوجائەلىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىدى

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ كوجائەلى شۆبىسى رەئىسى ئۆمەر فارۇق باشاران 26-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ توختىلىشى ئۈچۈن ئىمزا پائالىيىتى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدى.
باشاران ئەپەندى بارلىق تۈرك خەلقىنى ئىمزا قويۇشقا چاقىرىق قىلىپ، خەلقىنىڭ بۇ پائالىيىتىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا قويغان چەكلىمىسى چوڭ بىر قىرغىنچىلىقتۇر. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىنغان زۇلۇم كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھىجابلىنىش، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.
نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئىزچىل كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىشلار بىلەن قوشۇلۇپ، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1079 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2021 19:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق