شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يالغان كۆرۈنۈش تەييارلاپ تارقاتماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى دېيىلگەن مەمەت رىشات ئىسىملىك كىشىنىڭ مەسچىتتە يىگىرمىگە يېقىن كىشىگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ مەسچىتتە كۈندىلىك بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە نامىزى، ھېيت نامازلىرىنىڭ تولۇق ئوقۇلىدىغانلىقىنى، ۋىرۇس مەزگىلىدىمۇ چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىنغان ئاساستا ناماز ئوقۇلغانلىقىنى، مەمەت رىشاتنىڭ ئىماملىقتىن باشقا ئۆزى قۇرغان كىچىك كىيىم تىكىش كارخانىسى بارلىقىنى، بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي رېجىمى يېقىنقى بەش-ئالتە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى چىقىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى تامامەن چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ساناقلىق مەسچىتلەردە نومۇسسىزلارچە يالغان كۆرۈنۈش تەييارلاپ، مەجبۇرىي، يالغان گۇۋاھلىقلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي چەكلىمە يوقلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا.