«ئائىلەم قەيەردە» نامايىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ئىزچىل داۋاملاشماقتا

خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە» نامايىشى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى نامايىشقا تۈنۈگۈن يەنە 200 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. قوللىرىدا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، سۈرەتلىرىنى، خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاش ئارقىلىق بىلدۈردى.
گېرمانىيەدە باشلانغان «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشمۇ تۆت كۈننىڭ بېرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، نامايىشچىلار ئائىلىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالمىغۇچە، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە كاناداغا ئوخشاش گېرمانىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشى ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈردى. نامايىش باشلانغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا.

بۇ خەۋەر 898 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2021 18:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق