ئۇيغۇر خەلقى ئۈنسىز يىغىسى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن جازا لاگېرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىن، چوڭلارنى باققۇچىلىرىدىن، ئاياللارنى تايانچلىرىدىن ئايرىۋەتتى. ئەمما بارلىق ئۇچۇر-ئالاقە ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولسا ئۆز ئەھۋالىنى سىرتقى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۈنسىز كۆز ياشلىرى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئون ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ دادىسىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۈنسىز يىغىسى ۋە قول ئىشارەتلىرى بىلەن قايغۇسىنى بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا « كۈندە كۆرۈشنى خىيال قىلغىنىم راست، مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئېنىق، بىراق تىنچ-ئامانلىقىڭنى بىلسەم شۇ كۇپايە ئىدى» دېگەن خەت كۆرسىتىلگەن. ھەر ئىككى سىن بىر ھېسابتىن يوللانغان. بۇ كۆرۈنۈشلەردىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەشۋىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ساختا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1027 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2021 18:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق