نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىسخىكا دەرسلىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك داۋاملاشماقتا

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھەر جەھەتتىن تەربىيلەش ئۈچۈن تەجرىبىلىك لايىھە ئۆگىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا «كىم كىمدۇر؟»، «كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ماھىرلىق»، «مۇۋەپپەقىيەتلىك پىسخولوگىيە» قاتارلىق دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. دەرس باشلىنىپ بۈگۈنگىچە كىم كىمدۇر سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان 40 نەپەر ئايال، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ماھىرلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان 8 نەپەر ئايال دەرسلىرىنى مۇۋپپەقىيەتلىك تۈگىتىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن. يەنە يېڭىدىن سىنىپ ئېچىلىپ 18 نەپەر ئايال دەرسكە باشلىغان.
بۇ ھەقتە مەركىزىمىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مىنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم يۇقىرىقى دەرسلەر ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: «بۇ دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز ئۈچۈن بىر چىقىش يولىدۇر. چۈنكى بۇ دەرسنى ئالغان ئاياللار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇپ چىقىپ، پىسخىكىسىدىكى بېسىملارنى يەڭگىللىتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى مەسىلىگە ياكى قايسى كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنىڭ تەسىرىدە ھىسسىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىش ئورنىغا، ئەكسىچە توغرا ئويلاپ ئۆزىگە، يېقىنلىرىغا، ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى، قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى توغرا شەكىلدە ئىپادىلەيدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بىزنىڭمۇ بۇ دەرسنى ئورۇنلاشتۇرىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ پىسخىكىسىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىپ ساغلام پىسخىكا بىلەن كەلگۈسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشتۇر» دېدى.

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2021 23:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق