شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزىتىش سىياسىتى داۋاملىق كۈچەيمەكتە

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلار نامدا ئەركىن ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمە ھاياتىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بۈگۈنكى سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر كەچلىك بازار كۆرسىتىلگەن. سىننى تارقاتقان خىتاي بۇ كەچلىك بازارغا كىرمەكچى بولغان ئىنسانلارنىڭ رەت بويىچە تىزىلىپ كىملىك تەكشۈرتۈش، يۈزىنى سىكانىرلاش، قىزىتما تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر نەچچە خىل تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن كەچلىك بازارغا كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن، خۇشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىنى ئىزچىل بىلجىرلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ تۈردىكى سىنلار خىتاينىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر كۆزىتىش ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 943 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2021 23:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق