گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى

گوللاندىيە nos خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا پارلامېنتىدىن كېيىن، گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن دۆلەت بولۇپ قالدى.
گوللاندىيە پارلامېنتى 25-فېۋرال خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» گە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
قاراردا، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە، خىتاينىڭ مەقسەتلىك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، جازا لاگېرىغا سولاش قاتارلىق تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى ب م ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ 260-نومۇرلۇق قارارىدا كۆرسىتىلگەن. «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» دىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتېنىڭ (Mark Rutte) پارتىيەسى بۇ تەكلىپكە قارشى بېلەت تاشلىغان. گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بىلوك (Stef Blok) ھۆكۈمەتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ياكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تېخى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قارار چىقارمىغان. ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، گوللاندىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ تەكلىپنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا، ئوڭچىل D66 دېموكراتلار پارتىيە ئەزاسى سجوئېرد سجېردسما ( Sjoerd Sjoerdsma ) تەييارلاپ سۇنغان. ئۇ سۇنغان تەكلىپتە يەنە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىش تەكلىپىمۇ بار ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن سجوئېرد سجېردسما ( Sjoerd Sjoerdsma ): «ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا كىملىكى سەۋەبلىك شۇنچە ۋەھشىي باستۇرلۇشىنى، قىسقىسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغىنىنى تونۇپ يەتكەندىن باشلاپ، پۈتكۈل دۇنيا بۇ مەسىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمىدى، شۇڭا بىز بۇ مەسىلىدە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرمىز» دېگەن.
گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نامايىش قىلغان ھەمدە لاگېرغا سولانغان تۇغقانلىرى، ئاتا-ئانىلىرى ۋە لاگېرلاردا شېھىت قىلىنغان مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى تىزىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىغا ئىسپات ۋە گۇۋاھلىق بەرگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە قارشى شۇئارللارنى توۋلىغان.
بۇ ھەقتە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇبۇلقاسىم قارىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە پارلامېنتقا تەكلىپ سۇنۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار دەرھال تەييارلىق قىلىپ كەڭ-كۆلەملىك نامايىش قىلغان. لاگېر ۋە تۈرمىلەردە شېھىت قىلىنغان، لاگېرغا سەۋەبسىز سولانغان مەشھۇر شەخسلىرىمىزنىڭ، لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن تاختاي ۋە پلاكاتلارنى تىزىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئىسپات كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەكلىپ سۇنغان D66 دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئەزالىرى ۋە باشقا پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پارلامېنتتىكى مۇزاكىرىدە، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشنى قوللىغان پارتىيەلەر: يېشىللار پارتىيەسى، ئىشچىلار پارتىيەسى، ئوڭچىل D66 دېموكراتلار پارتىيەسى قاتارلىق بەش پارتىيە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 734 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2021 23:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق