دەستىجى: زۆرۈر بولسا، خىتاي بىلەن ئۇرۇشمۇ قىلىمىز!

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى25 – فېۋرال FOX تېلېۋىزىيە قانىلىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە قايتا توختالدى.
ئۇ پروگراممىدىن كېيىن فوكس قانىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قىلغان سۆزى ۋە ئىلگىرى كونيا تېلېۋىزىيىسى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا قىلغان سۆزلىرىنى بىرلەشتۈرگەن شەكىلدە تىۋىتتىر ئارقىلىق تارقاتتى.
ئۇ تىۋىتتىردىكى سۆزىدە: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغال، زۇلۇم، قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيىتتە «قانداق قىلىمىز، خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلامدۇق ئەمىسە؟» دېگەن توخۇ يۈرەكلەرگە ياكى ساتقۇنلارغا قانچە قېتىملاپ بەرگەن: «زۆرۈر بولسا، ئۇرۇشمۇ قىلىمىز» دېگەن جاۋابىمىزغا مەلۇم يەرلەردىن كەلگەن ئىنكاسلار بىزنى توختىتىپ قويالمايدۇ. ھەممەيلەن سۈكۈت قىلسىمۇ، بىز سۈكۈت قىلمايمىز! دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
فوكس قانىلىدىكى سۆزىدە، پارتىيسىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا شەرقىي تۈركىستان تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىپ، بەزىلەر قانداق قىلىمز، خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلامدۇق؟ دەيدۇ، مەن دەيمەنكى، زۆرۈر بولسا، ئۇرۇشمۇ قىلىمىز. بىز دۇنيادا قورقىدىغان ھېچقانداق دۆلەت يوق، ئەمما ئەلۋەتتە ئۇرۇشتىن بۇرۇن قىلىنىدىغان ئىشلار بار. قاراڭ، بىز ھازىر ئەرمىنىيەگە نېمە دەۋاتىمىز؟ «بىز ئۇلارغا سەن ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ياخشىلاپ ئىشغالنى ئاخىرلاشتۇرمىغۇچە، مەن ساڭا چېگرالىرىمنى ئاچمايمەن» دېدۇق. بىز خىتاي ئۈچۈنمۇ بۇنى قىلالايمىز. بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تاشقى سودىمىز 25 مىليارد دوللار. بۇنىڭ 23 مىليارد دوللىرىغا خىتايدىن مال ئالىمىز، پەقەت 2 مىليارد دوللارلىق مال ساتىمىز. يەنى ئەمەلىيەتتە بىز زىيان تارتىۋاتىمىز. تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنىڭ 40 پىرسەنتى بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىمىزدىن كەلگەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇ ئىلگىرى كونيا تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان سۆزىدە بولسا؛
بىز بۇ دەۋاغا سەمىمىي شەكىلدە ئىگە چىقىۋاتىمىز، ھەم چىقىمىز، ھېچقانداق سىياسىي غەرىزىمىز يوق. مەنمۇ ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك گەپ قىلىشىنى خالايمەن، ھەتتا شۇنداق دەۋاتىمەن: پۈتۈن ئالاقىنى ئۈزسۇن. مەن ھۆكۈمەت بولسام، مەن جۇمھۇر رەئىسى بولسام، بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى ھاكىمىيەتكە كەلسە خىتاي بىلەن بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزىمەن، قاچانغىچە دېسىڭىز؟ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلغىچە! دېدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە بولسا: شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى توختىماستىن داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىمىز ياكى كۆرمەسكە سېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مەن ئوچۇق دەپ كېلىۋاتىمەن، خۇددى ئەرمىنىيەگە ئىجرا قىلىغىنىمىزدەك، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركسىتاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلىشتىن، ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كەچمىگىچە، بىز خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى توختىتىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ خىتاينىڭ ھېچقانداق نەرسىسىگە ئېھتىياجىمىز يوق. بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، زۇلۇمغا كۆز يۇمالمايمىز، سۈكۈتتە تۇرالمايمىز. يەنە كېلىپ ئۇلار بىزنىڭ ئىرقدىشىمىز ۋە دىندىشىمىز بولسا، تېخىمۇ شۇنداق دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 950 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2021 23:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق