چېخ كاردىنالى: ۋىرۇس خىتاينىڭ بىئولوگىيەلىك قورالى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چېخنىڭ داڭلىق كاردىنالى دۇكا «ۋىرۇس خىتاينىڭ بىئولوگىيەلىك قورالى» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، چېخنىڭ داڭلىق كاردىنالى دۇكا 2-ئاينىڭ بېشىدا پراگادىكى ساينت ۋىتس چوڭ چېركاۋىدا قىلغان سۆزىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى، سۆزلەشتىن قورقىدىغانلىقىنى، بۇنى دېيىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. كاردىنال دۇكانىڭ سۆزى چېخنىڭ باشقا تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇكا پراگادىكى كاتولىك ئارخىدوكلىرىنىڭ كاردىنالى. ئۇنىڭ ئاساسلىق چېركاۋى سانت ۋىتس پراگا قەلئەسىگە جايلاشقان بولۇپ، چېختىكى ئەڭ چوڭ كاتولىك چېركاۋى ئىكەن. 78 ياشلىق كاردىنالنىڭ چېخنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە قارشى دائىم سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن مەستانىلىرى بار ئىكەن. چېخ جەمئىيىتى كۈچلۈك دىنىي كەيپىياتقا ئىگە بولۇپ كاتولىك دىنىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ۋىرۇسنىڭ خىتايدىن كەلگەن بىئولوگىيەلىك قورال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىندىن بىرى نۇرغۇن چېركاۋلارنى ۋەيران قىلغان. بىر قىسىم پوپلار ۋە ئىخلاسمەنلەرنى قولغا ئالغان شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈشى ۋە دىنىي نەشىر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشىغا يول قويمىغان. شۇ سەۋەبلىك چېخ، شۇنداقلا رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ياۋروپادىكى باشقا رايونلارمۇ خىتاينىڭ دىنغا قارشى سىياسىتى ھەققىدە خەۋەر يازغان. خىتاينىڭ بۇ خىل دىنغا قارشى سىياسىتى چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە رايوندىكى دىنىي مۇخلىسلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.
خىتاينىڭ چېختا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كاردىنال دۇكانىڭ خىتايغا تۆھمەت قىلغانلىقىنى، خاتالىقىنى تۈزىتىپ، قىلغان سۆزىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2021 22:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق