تەشكىلاتلار ھەيئىتى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار فېدېراتسىيىسى رەئىسىنى زىيارەت قىلدى

25 – فېۋرال خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن بىر ھەيئەت خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار فېدېراتسيىسى رەئىسى دوكتور مەھمەت ئېلى پولاتنى زىيارەت قىلدى.
سۇتۇق بۇخراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇرنىڭ باشچىلىقىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى ۋەكىلى ئابدۇرېشىت ئەمىن، شەرقىي تۈركىستان تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى ۋەكىلى ئادىل مۇھەممەد قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.
زىيارەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ ۋە تۈرلۈك تەربىيىلەش تۈرلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

 

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2021 22:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق