ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ ئامېرىكا خەلقى ۋە شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈش قىلمىشىغا قارشى قانۇن لايىھەسى سۇندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى پارتىيەدىن تەشكىللەنگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى 24-فېۋرال قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان تەكشۈرۈپ قورقۇتۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىز قوغلاپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ۋە جون كورنىن (John Cornyn)، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي (Jeff Merkley) ۋە ئېلزابېت ۋاررېن (Elizabeth Warren) قاتارلىقلار بار ئىكەن.
خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى مېركلې ئېلان قىلغان باياناتتا: «بىز چوقۇم خىتاينىڭ ئامېرىكا خەلقى ۋە شىركەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈش ۋە قورقۇتۇش تەسىرىنى ئىز قوغلاپ بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت بايدىندىن «خىتاينى تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش ۋە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى» نامىدا خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ گۇرۇپپا يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكىلىقلارنى تەكشۈرۈشىنىڭ تەسىرىنى تەكشۈرىدىكەن ۋە يىللىق دوكلات تەييارلاپ پارلامېنتقا سۇنىدىكەن. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خىزمەتچىلىرى ئىچىدىن، مۇئاۋىن رەئىس دۆلەت ئىقتىساد كېڭىشىدىن، ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئىچىدىن تەيىنلىنىدىكەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو بۇ ھەقتە توختۇلۇپ: «بىز بۇ گۇرۇپپا ئارقىلىق خىتاينىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىگە قاراتقان مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق كىشىلەرگە خىتاينىڭ مۇستەبىت قولىنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 816 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2021 21:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق