180 خەلقئارالىق تەشكىلات بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجرائاتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى كۆپەيگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، كېلەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار بولغان ئولىمپىك ساھىبى خىتايغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆتكەل ئىكەن. مەزكۇر بايقۇت چاقىرىقىغا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خەلقئارالىدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سۈكۈت قىلغان. ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى قوللىغۇچىلارنىڭ سىياسىي بېسىم ھېس قىلدۇرالمىغانلىقىدىن دەپ قارىغان. كېلەر يىلى 2-ئايدىكى مۇسابىقە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، دۇنيا خەلقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى، خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئولىمپىك كومىتېتى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى سىياسەت بىلەن باغلاشقا قارشى تۇرغان بولۇپ، ئۇلار « گەرچە بۇ خىل بايقۇت قىلىش خىتاينىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزسىمۇ، ئەمما تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگىمۇ زىيان سالىدۇ» دەپ قارىغان.
كۈزەتكۈچىلەر، بۇ قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئىنسان دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ئاياق ئاستى بولۇۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان بىر دۆلەتتە ئولمىپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، خىتاينى مۇكاپاتلىغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ قارىماقتا.

بۇ خەۋەر 1016 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2021 19:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق