نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنيا ئاياللىرىغا تونۇتماقتا

24 -فېۋرال شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مىنەۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم مىللىي ئاڭ كانادا ئاياللار تارمىقى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن سىنلىق يىغىندا «شەرقىي تۈركىستاندىكى ھازىرقى ئەھۋاللار» تېمىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. يىغىنغا ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن بولۇپ 389 ئايال قاتناشتى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مىنەۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم بىلەن نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ كانادادىكى ئەزاسى گۈلى خانىم ۋە خەدىچە خانىم يېقىنقى يىللاردا تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ 5 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە ھەرخىل باستۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى يوق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي مىساللار بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا خەدىچە خانىم يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ: بىز سىلەر ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟ دېگەن سوئالىغا، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بولۇپمۇ تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ يېنىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىغان، بىلگەن كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە مۇھەممەد راشىدنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ يېقىن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 1093 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2021 19:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق