ئۇيغۇرلارغا كوممۇنىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈش داۋاملاشماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈپتىن خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكرار ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر شەھىرىدىن بىر تۈركۈم ئەر-ئاياللارنى خىتايچە كىيىنىپ چاغاننى ئۇزىتىش ۋە يېڭىدىن ئىش باشلاش نامىدا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كوممۇنىست پارتىيىسىنى مەدھىيەلەپ قىزىل ناخشا ئېيتقانلىقى، يەنە بىر سىندا 100 دىن كۆپ ئايالنىڭ چوڭ بىر زالدا ئولتۇرۇپ خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، يەنە باشقا سىنلاردا رايون بويىچە بۆلۈنگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز رايونلىرىدا توپلىشىپ خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە، قىزىل ناخشا ئېيتىشقا، كوممۇنىست پارتىيىسىنى ماختاپ ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن بۇرۇن ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پەسكەشلىكلەرنى ئىجرا قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1008 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2021 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق