فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسى رەئىسى يانىك ژادو ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسى رەئىسى ياۋروپا پارلامېنىت ئەزاسى يانىك ژادو خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
يانىك ژادو باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشى زۇلۇملاردىن خەۋەردارمىز. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق نۇرغۇن ئىقتىسادى ساھەلەر مەۋجۇت بولغانىكەن خىتاينى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلىشقا قوشۇلىمەن. بۇ جىنايەتلەردە قولى بار خىتاي رەھبەرلىرىگە قارشى جازالارغا قوشۇلىمەن. شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بارلىق شىركەت ۋە مەھسۇلاتلارغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن. ئەمما بىريۇسسىل ياۋروپا پارلامېنتىدىن بىر قانچە يۈز مېتىر نېرىدا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئۈستىدە سودىلىشىش بولۇۋاتىدۇ. خۇددى بارلىق بۇ ئېچىنىشلىق رېئاللىقلار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق قىممەت قاراشلىرى سودىغا كەلگەندە، ئىقتىسادىمىزغا سېلىنىدىغان خىتاي مەبلىغى ئالدىدا دەل خىتايغا سېلىنىدىغان ياۋروپا مەبلىغىگە ئوخشاشلا قىلچىلىك قىممىتى قالمايدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ياۋرۇپا قىممەت قاراشلىرى نامىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش نامىدا، دېموكراتىيە قىممەت قاراشلىرى نامىدا، ئەقەللىي ئەركىنلىكلەر نامىدا، مەن ياۋروپا رەھبەرلىرىگە ۋە فرانسىيە ئۈچۈن ئىممانوئىل ماكرونغا چاقىرىق قىلىمەنكى، خىتاي بىلەن پۈتۈن سودىنى توختۇتۇپ تۇرۇڭلار. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بوزەك قىلىنىۋاتقان، بېسىلىۋاتقان، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا رايونلاردا تاكى شۇ ۋەھشىي زۇلۇملار، باستۇرۇشلار توختىمىغۇچە، لاگېرلار تاقالمىغۇچە سودىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىمەن. بۇ ئەھۋالدا ئىممانۇئىل ماكرون، شۇنىڭدەك بارلىق ياۋروپا رەھبەرلىرى قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار، خىتاي بىلەن سودىلىشىشنى توختىتىڭلار تاكى ئەڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنغۇچە، رەھمەت.

 

بۇ خەۋەر 1240 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2021 18:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق