خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىش ئىزچىل داۋاملاشماقتا

«ئائىلەم قەيەردە؟» شوئارى بىلەن باشلانغان نامايىشلار نۆۋەتتە بارا-بارا كېڭىيىپ، تۈركىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە،ئاۋسترالىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىمۇ «مىللەت نۆۋىتى» نامى بىلەن داۋاملاشماقتا.
تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مىللەت نۆۋىتى نامايىشىغا بۈگۈنمۇ يەنە يۈزلىگەن كىشى ئىشتىراك قىلدى. بۈگۈنكى نامايىشقا زىيارەتكە كەلگەن ئىيى پارتىيىسىنىڭ سابىق مىللەت ۋەكىلى پروفېسسور ئۈمىد ئۆزداغ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىر خىتاينىڭ باستۇرۇشى بىلەن ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇملىرىغا قارشى تىركىشىپ تارىختىن-بۈگۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ تۈركلىكىنى، مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ ۋە قىيامەتكىچە ساقلايدۇ. خىتاي ئەگەر ئەقلىنى تېپىپ پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىشنى خالىمىسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ زۇلۇمنى توختىتىشى كېرەك. ئەگەر خىتاي دۈشمەن بولۇشنى تاللىسا، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى سېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەڭ ئەقەللى ھەققى بولغان ئىنسانچە ياشاشنى ۋە مەۋجۇدىيىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەلىپى يوق. بىز تۈرك دۇنياسى، تۈرك مىللىتى، تۈرك خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۆنۈگۈنمۇ يېنىدا ئىدۇق، بۈگۈنمۇ ۋە ئەتىمۇ يېنىدا بولىمىز»
مەزكۇر نامايىش باشلانغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا.

 

بۇ خەۋەر 929 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2021 18:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق