خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئايال يازغان كىتاب ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،
خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، لاگېر شاھىتى يازغان [خىتاي لاگېرىدا ھايات قالغۇچىلار] ماۋزۇلۇق كىتاب ھەققىدە بىلجىرلىدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى يازدا فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم «خىتاي لاگېرىدا ھايات قالغۇچىلار» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغان .
كىتابتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېردىكى ئېچىنىشلىق قىيىن- قىستاقلار، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، تېررور سىياسىتى ھەمدە لاگېردا بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر كىتاب فىرانسىيە خەلقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار بۇ كىتاب ھەققىدە خەۋەر يازغان ھەمدە لاگېر ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان.
23-فېۋرال خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، گۈلباھار خانىمغا تۆھمەت قىلغان. خىتاي باياناتىدا گۈلباھار خانىمنى ئەيىبلەپ «ئۇزۇندىن بۇيان بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بىر بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي باياناتىدا يەنە، گۈلباھار خانىمغا تۆھمەت قىلىپ، «2009-يىلىدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن ۋە خىتايغا قارشى نامايىش ۋە باشقا بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 745 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2021 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق