شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى: تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى

23-، 24-فېۋرال كۈنلىرى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مۇھىم سۆھبەتلەردە بولدى.

مەزكۇر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دوكتور ئەركىن ئەمەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى ۋەكىلى ئادىل مۇھەممەدتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەيئەت ئىككى كۈن جەريانىدا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، تۈركىيە چەت ئەل تۈركلىرى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى ۋە تۈركىيە نوپۇس ئىدارىسىدە زىيارەتتە بولدى. ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەنقەرە شۆبىسىدە ئەنقەرەدىكى يەرلىك تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن ئورتاق خىزمەتلەر ھەققىدە كېڭەش يېغىنى ئاچتى.

بۇ قېتىملىق زىيارەتتە تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئاساستا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جازا لاگېرلىرى ۋە باشقا ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن بېسىلىشى كېرەك بولغان قەدەملەر، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتى (ۋەتەنداشلىق) ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردە قاپسىلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلار ئاساسلىق نىشان بولغان.

تۇنجى زىيارەت تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئاممىۋىي ئالاقىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى جۈلىدە خانىم بىلەن پارتىيە مەركىزىدە ئۇچرىشىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەسىدىن كۈتىدىغانلىرى، دەۋانىڭ تەلەپ ۋە تەقەززالىرى، بولۇپمۇ زۇلۇم چېكىگە يەتكەن بۈگۈنكىدەك بىر پەيتتە ئاق پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. جۈملىدىن تۈركىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا 2009-يىلىدىكىگە ئوخشاش قولايلاشتۇرۇلغان ھالدا ئومۇميۈزلۈك پۇقرالىق سالاھىيىتى (ۋەتەنداشلىق) بېرىش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىلەر ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى»نىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى تەكىتلەنگەن.

زىيارەت ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تاپشۇرۇلغان. جۈلىدە خانىم شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتىنىڭ تەلەپلىرىنى شۇ كۈنى بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاق پارتىيەسى رەئىسى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىلەن ئېچىلىدىغان يىغىندا پىرېزىدېنت ئەردوغانغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە سۇنۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككىنچى قېتىملىق زىيارەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە داۋام قىلغان بولۇپ، ھەيئەتنى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران كۈتۈۋالغان. ئۇچرىشىشتا تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى»، لاگېرلاردىكى تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنىشى، تايلاند ۋە ھىندونېزىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان. بۇلاردىن سىرت، ھەيئەت يەنە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە، بولۇپمۇ ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ۋە لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۈركىيە كونسۇلخانىسى ئېچىش، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۈرۈمچى-ئىستانبۇل ئارىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشتىكى ئىجابىي رولى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ھەيئەتنىڭ تەلەپلىرىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغان مۇئاۋىن مىنىستىر سەلىم كىران ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ تەلەپلەرنى ئورۇنداش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەيئەت يەنە تۈركىيە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمايىل چاتاكلىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلغان ۋە ئۆزئارا جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. سۆھبەت شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى تەرىپىدىن بۇندىن بۇرۇنقى زىيارەتلەردە تۈركىيە پارلامېنتى (بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) رەئىسى پىروفېسسور دوكتور مۇستاپا شەنتوپقا ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا سۇنۇلغان «تۈركىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا 2009-يىلدىكىدەك ئومۇميۈزلۈك پۇقرالىق سالاھىيىتى (ۋەتەنداشلىق) بېرىش» ئىلتىماسىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە بۇ ئىلتىماسنىڭ ئىجرا خىزمىتىنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش بىلەن باشلانغان. ئارقىدىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، G87 كودى قويۇلغانلارنىڭ كودلىرىنى بىكار قىلىش، خىتاينىڭ ئەرز قىلىشى سەۋەبلىك تۇتۇلۇش ۋە سوتلىنىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان گۇناھسىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قويۇۋېتىش ۋە تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان پائالىيەتلەرنى قوللاش قاتارلىق تەلەپلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمايىل چاتاكلى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ۋە سەمىمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ھەيئەت يەنە تۈركىيە نوپۇس ۋە پۇقرالىق ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پۇقرالىق (ۋەتەنداشلىق)قا ئىلتىماس قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنىڭ تېزلىتىلىشى، پۇقرالىق ئىلتىماسىدا تەلەپ قىلىنىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق تەلەپلەرنى سۇنغان. 

تۈركىيە چەت ئەل تۈركلىرى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىدىكى زىيارەتتە، تۈركىيەدىكى ۋە چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن تەلىم-تەربىيە جەھەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورتاق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى نوپۇزلۇق ئورگانلىرى ۋە مىنىستىرلىكلىرى بىلەن كۈنتەرتىپتىكى جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىۋاتقان ۋە ئېتىراپ قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان، خىتاي ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە بۇ زىيارەتلەرنىڭ بولۇشى ۋە ھەرخىل مەسىلىلەردە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۆزىنى پەردازلاشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدىكى سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاق پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ 23-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشى بۇ قېتىملىق زىيارىتىمىزنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نەتىجىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى» دىققەت قوزغاۋاتقان، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.

بۇ خەۋەر 1632 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2021 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق