فىرانسىيە خىتاينى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك ئەيىبلىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىئان(Jean-Yves Le Drian)ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىئان ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ: «بىز ئېرىشكەن گۇۋاھلىق ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئەقىلگە سىغمايدىغان قىلمىشلىرىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىستېمىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارغا سەۋەبسىز مىليونلارچە ئۇيغۇر سولانغان. ئۇيغۇرلار لاگېر ۋە تۈرمىلەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ھەمدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 994 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2021 21:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق