لىتۋانىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قارار چىقىرىشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قارشى قارار چىقىرىشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدا «بىر بەلۋاغ بىر يول» دىپلوماتىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ تەھدىتى، كىشىلىك ھوقۇق، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. لىتۋانىيە پارلامېنتى 10-مارت ئەتىيازلىق يىغىندىن ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھەسىنى تەييارلاشنى پىلانلىغان.
لىتۋانىيە تېز يوللانما گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە پارلامېنتى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى كومىتېتى ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتى 17-فېۋرال بىرلەشمە يىغىن چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار قارار لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىنى مۇزاكىرە قىلغان.
سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى شاكارناي مۇزاكىرە يىغىندا سۆز قىلىپ، ب م ت نى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈشكە چاقىرغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىن قىلغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى زور دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقى ھەققىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش چاقىرىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، لىتۋانىيەنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا پەرۋاسىز بولۇۋالسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 2019-يىلى يازدا، لىتۋانىيە يەنە باشقا بىر تۈركۈم دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەنىكەن.

بۇ خەۋەر 1061 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2021 21:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق