ئىككى جاسارەتلىك ئۇيغۇر ئايال خىتاينى يەنە تىترەتتى

خىتاي داگوڭ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن يېقىندا خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىككى جاسارەتلىك ئۇيغۇر ئايال ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
خىتاي باياناتىدا ب ب س تورىغا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى لاگېرلاردا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى مەردانىلەرچە ئاشكارىلىغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم بىلەن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇندى.
خىتاي مەزكۇر بىچارىلەرچە ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن ئىككى جاسارەتلىك ئايال ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچكىمنى بۇ يالغانچىلىقىغا ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۇششۇق، نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى دۇنياغا قايتا ئېلان قىلغان بولدى.
كۆزەتكۈچىلەر: «بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ئۇرۇنغان ھەر قانداق تىرىشچانلىقلىرى قۇياشنى قول بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى» بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1301 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2021 21:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق