خىتاي ئۈرۈمچىدە يىغىن چاقىرىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى»نى ئاقلىدى

كۈنسىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن خىتاي رېجىمى، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، تەتقىقات ئورنى ۋە ئاقىللار ئامبارلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئۈرۈمچىدە يىغىن ئۆتكۈزدى ۋە ئۆزىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا كۈچىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-فېۋرال توردا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىشىپ تەشكىللىگەن.
خىتاي مەركىزى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ ئۈندىداردا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسى» دېگەن تېمىدىكى بۇ تور يىغىنىغا 80 دەك دۆلەتتىكى 200 گە يېقىن چەتئەل سىياسىي پارتىيەسى، تەتقىقات ئورنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئاقىللار ئامبىرىدىن 300 دەك كىشى قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇچۇردا يىغىنغا قاتناشقان بۇ سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار، تەتقىقات ئورنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمى، قايسى دولەتلەردە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ يىغىننىڭ دەل كانادا پارلامېنتى 22-فېۋرال قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.

ئۇچۇردا، يىغىن ئەھلىگە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، گۈزەل تۇرمۇشقا يېتەكلەشتەك ھەقىقى ھېكايىسى تونۇشتۇرۇلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي رېجىمى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ئاقلىسىمۇ، لېكىن خەلقئارادا ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارايدىغانلار كۈنسىرى كۆپەيمەكتە.

يىغىندا خىتاي كوممۇنسىت پارتىيىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى سوڭ تاۋ، خىتاينىڭ يۈز يىللىق تارىخى ئاتالمىش 56 مىللەتنى بىرلەشتۈرۈپ ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش تارىخىدۇر. بۇ كۈرەشتە يوقسۇللۇقنى ئازايتتۇق، ئېتنىك تېررورلۇقنى يوقۇتۇش نوقتىسىغا كەلدۇق، 2017 - يىلدىن بۇيان تېررورلۇق پائالىيەتلىرى يۈز بەرمىدى دەپ بىلجىرلىسا، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈۋەنگو بولسا يەنىلا بۇرۇنقى نومۇسسزلىقى بىلەن: "يوقسۇللۇق كۈرىشىدە غەلىبە قىلغانلىقىنى، مىڭ يىللىق يوقسۇللۇق مەسىلىسىنى ئاتالمىش شىنجاڭدا ھەل قىلغانلقىنى، يېزىلاردىكى يوقسۇللۇقنى ئازايتىش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، شەھەرلەردە ئىش ئىمكانىيىتى كۆپەيتىپ، يېزىدىكىلەرنىڭ شەھەرلەرگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇ سايىدە ئاتالمىش شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ئەڭ تۆۋەنگە چۈشۈرگەنلكىنى بىلدۈرۈپ جۆيلىدى.

بۇ يىغىنغا تۈركىيەدىن ھەر قېتىمقىدەك خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى زۇۋانى بولغان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتى توردىن قاتناشتى ۋە خىتايدىن بەكرەك خىتاينى ئاقلاپ سۆز قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇلارنىڭ غەربنىڭ سەپسەتىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەگە، تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ سەپسەتە ساتتى.
يىغىنغا يەنە ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ خىتاي تەمسىلچىسى ۋە تۈرك – خىتاي ئىش جەمئىيىتى رەئىسى ئەدنان ئاكڧىراتمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاينى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىنغا يەنە ئاق پارتىيەگە ۋاكالىتەن چوڭ سودىگەر ئەتھەم سانجاك قاتناشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ يىغىندا نېمە دېگەنلىكى بىلدۈرۈلمىدى.

بۇ خەۋەر 1075 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2021 21:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق