ئۆمەر چەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيەدىكى ھاكىميەت ئۈستىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى 23 – ڧېۋرال مەركىزى ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇر تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنساننىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىگە ئۇيغۇن ھالدا ۋە ئىنسان ئىززەت-ھۆرمىتىگە لايىق رەۋىشتە ياشىشى مەسىلىسىدە ئىنتايىن سەزگۈر روھقا ئىگىمىز. بىز بۇ يەردە قانچە قېتىملاپ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىمىزنى، تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش ھەققىنىڭ بارلىقىنى دەپ كەلدۇق. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا قارشى بىرمۇنچە سەلبىي مۇئامىلىلەر، كەمستىشلەر، ئۇ يەردىن كەلگەن بىر مۇنچە كۆرۈنۈشلەرنى بۈيۈك قايغۇ بىلەن كۆرۈۋاتىمىز. ئەسلا بۇ شەكىلدە بىر نەتىجە مەيدانغا كەلمەسلىكى كېرەك. بىز بۇنى توغرا دەپ قارىمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ئىلگىرى دېگىنىمىزدەك، خىتاي دائىرىلىرىگىمۇ دۆلىتىمىزدىن بىر ھەيئەت بارسۇن، ئۇ يەردىكى ئەھۋالنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا كۆرسۇن، دېدۇق. ئوتتۇرىدىكى بۇنچىۋالا سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ يوق بولۇشىنىڭ بىردىنبىر يولى بار، بىرىنچىسى: ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان بەزى ئىجرائاتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىسى: تۈركىيەدىن بارىدىغان ھەيئەت خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا بۇ يەرلەرنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ئۇ يەردىكى ئىجرائاتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك.


بۇ مەسىلىدە باشقىلار بىزگە ئۇ مەسىلىدە بايانات ئېلان قىلدىڭلار، بۇ مەسىلە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلمىدىڭلار دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز بۇ سىياسەتنىڭ تەقىب قىلغۇچىلىرىمىز، بۇ مەسىلىنى جىددىي تەقىب قىلىپ كېلىۋاتىمىز. مۇناسىۋتلىك ئورۇنلىرىمىز بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن داۋاملىق كۆرۈشىۋاتىدۇ. بۇ يەردە «ئۇنى دېدىڭلار، بۇنى دېمىدىڭلار» دېگەنلەرنىڭ بۇ تېمىدا ھېچقانداق بىر ھەرىكەت قىلغىنى يوق. ئەمما بىز بۇ مەسىلىدە ئەمەلى ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ دەردىمىز ئوخشمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىشلارنىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇر تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ياشايدىغان ئەھۋالغا كېلىشىدۇر. قۇلىقىمىزغا كېلىۋاتقان بۇ ناچار خەۋەرلەر بولمايدىغان بىر ۋەزىيەتنى يارىتىش ئۈچۈن ۋە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئۇ يەردىكى ئەھۋالنى دۆلىتىمىزنىڭ بىمالال كۆرەلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، شۇنداق قىلغاندىلا ھەر تەرەپ خاتىرجەم بولىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ، خىتاينىڭ قىلىۋاتقان ئىشلارنى بىز تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمىز دەپلا تۈگىتىشىمۇ ۋە بىر مۇنچە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىمۇ توغرا ئەمەس. تېررورلۇق بىلەن كۈرەش ئايرىم بىر ئىش، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئالاقىدار بۇ سەلبىي ئىشلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىمۇ ئايرىم بىر ئىشتۇر. بىز بۇ ئىشلارنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى داۋاملىق خىتايغا دەپ كېلىۋاتىمىز. ئۈمىدىمىز ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا بىر نەتىجىگە ئېرىشىش" دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 743 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2021 21:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق