شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش كۆرۈنەرلىك ئاشتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 23-فېۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، ئاساسسىز جىنايەت ناملىرى بىلەن ئەيىبلەپ ئۇزۇن مۇددەتلىك جازالاش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاساسسىز ئەيىبلىگەن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلغان. خىتاي 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 250،000 ئادەم ئەيىبلەنگەن ياكى قولغا ئېلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 60 كە يېقىن دېلونى توپلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز قىلمىش سادىر قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا سوتلانغانلىقى ۋە تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بايقىغان. بۇ دېلولار ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا سولانغانلارغا ئوخشىمايدۇ دەپ قارىغان. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ۋاڭ سوڭلىياڭنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ رەسمىي ئەدلىيە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن ۋە تۈرمىگە تاشلانغان دېلولار خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاي ئاتالمىش «قانۇن » نامى بىلەن نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نورمال تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ۋە دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەپ جازالىغان.


كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىستاتىستىكىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي سوت مەھكىمىسى 2017-يىلى 99 مىڭ 326 ، 2018-يىلى 133 مىڭ 118 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن. گەرچە 2019-يىلدىكى رەسمىي ئىستاتىستىكا تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات شەرقىي تۈركىستاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى 8000 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان دېلونى خاتىرىلىگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2019-يىلى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى ئىككى يىلغا باراۋەر بولىدىكەن. 2019-يىلى تۈمەنلىگەن كىشىلەرگە جازا ھۆكۈم قىلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2017-يىلى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى بايقىغان. 2017-يىلدىن ئىلگىرى، بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ% 10.8 نى ئىگىلىگەن، ئەمما 2017-يىلى ئۇزۇن مۇددەتلىك جازالانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆرلەپ % 87 گە يەتكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى «دۆلەتكە خەۋپ يەتكۈزىدۇ» دەپ بېكىتكەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا جىنايەت سادىر قىلمىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ سوڭلىياڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 939 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2021 20:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق