تەشكىلاتلار بىرلىكى كانادا پارلامېنتىغا رەھمەت مەكتۇپى يوللىدى

22-فېۋرال كانادا پارلامېنتى تولۇق ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى كانادا پارلامېنتىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەكتۇپ يوللىدى.
باياناتتا: «بۇ قارار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانۇنسىز يۇتۇۋېلىشىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدىكى مۇھىم قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەر تەكىتلەندى.
مەكتۇپتا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ «كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، جاستىن تىرۇدو ۋە ئۇنىڭ ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتىكى توغرا ھەل قىلىشى چارىسى ئەمەس. كانادا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى.
مەكتۇپتا يەنە ئىنكار قىلغۇسىز پاكىتلار، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئىشەنچلىك دوكلاتلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نازارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.
مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مىننەتدارلىق مەكتۇپى كانادا پارلامېنتى ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يوللانغان.

بۇ خەۋەر 1237 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2021 19:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق