خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىش ئىزچىل داۋاملاشماقتا

«ئائىلەم قەيەردە؟» شوئارى بىلەن باشلانغان نامايىشلار نۆۋەتتە بارا-بارا كېڭىيىپ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە «مىللەت نۆۋىتى» نامى بىلەن داۋاملاشماقتا.
گېرمانىيەنىڭ ئۈچ چوڭ شەھىرىدىكى ئۈچ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا بىراقلا باشلانغان «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى بۇ ھەپتىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، نامايىشچىلار خىتاي تەرىپىدىن ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرىگە ئېرىشمىگۈچە نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
نامايىش 13-فېۋرالدىن تارتىپ ياپونىيەدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلانغان.


ئۇندىن باشقا ئاۋستىرالىيەدىمۇ «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيگەن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى ئېسىپ نامايىش قىلغان.
تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مىللەت نۆۋىتى نامايىشىغا بۈگۈنمۇ يەنە يۈزلىگەن كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئەلى ئەكبەر داموللام ئىسلام دۇنياسىغا بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى كۆتۈرگەن خەلق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.
مەزكۇر نامايىش باشلانغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشمەكتە ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇ ئورگانلىرى تەرىپىدىن كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا.

بۇ خەۋەر 1143 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2021 17:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق