تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىغا قاتناشقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى.
مەزكۇر سىنلىق يىغىندا مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى: «تۈركىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق دوكلاتلاردىكى مەلۇماتلار ئەندىشىمىزنى قوزغىماقتا. بىز بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىمىز ۋە ئۈمىدلىرىمىزنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بىز يۇقىرى كومىسسارلىق ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارنى داۋاملىق كۆزىتىمىز. شۇنداقلا خىتاينىڭ تەكلىپى ئارقىسىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىمىزنى رايوننى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
مەزكۇر يىغىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق جىنايەتلىرىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.


ۋاڭيى بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتاينىڭ ب د ت نىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندا تۆت يىلغىچە ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى بايقالمىغانلىقى، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرۋاقىت سىرتقا ئوچۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق قېلىپلاشقان يالغان-ياۋىداقلىرىنى قايتا تەكرارلىدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دىنىي باستۇرۇشلار ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكلەر ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇلار پەقەت بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن تولغان بايان بولۇپ، پۈتۈنلەي سىياسىي ئاغدۇرمىچىلىق» دەپ بىلجىرلىدى.

بۇ خەۋەر 949 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2021 17:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق