شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى داۋاملاشماقتا

بۇندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى ساغلاملىق تەكشۈرۈش مەركىزىدە بىر تۈركۈم ئاياللارنىڭ تەرتىپ بويىچە ھامىلىدار ياكى ھامىلىدار ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، تۇغۇت چەكلەش قىلمىشلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ۋە ئالاقىدار دوكلاتلار بۇنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشتىكى مۇھىم ئاساس بولۇپ قالغان.


خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەركىن ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىماقتا.
مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرگۈزۈش، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرخىل دورا-ئوكۇل ۋە ئەسۋابلارنى قوللىنىش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.

بۇ خەۋەر 1265 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2021 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق